ئوبزور: «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خۇجا بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرايلى-ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ زور ئەھمىيىتى ھەققىدە»
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-03-14 09:44

خەلق گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خۇجا بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرايلى-ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ زور ئەھمىيىتى ھەققىدە» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلىندى.
ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خۇجا بولۇشى ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خۇجا بولۇشى سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي شەكلى، بۇ ئۈچىنىڭ بىرلىكى ئېلىمىز سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدىن كەلگەن.

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمىسى كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى. بۇ نەتىجە پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خۇجا بولۇشى ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى نامايان قىلدى، بۇ ئاساسىي قانۇننىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى، مۇكەممەللىشىپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش، يېڭى دەۋردە «دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇش باش نىزامنامىسى»نىڭ تۈپ خاراكتېرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىش، تەشكىللەشتە مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.