چەتئەللەردىكى جۇڭگولۇقلار: ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋەتەننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-03-14 09:45

چەتئەللەردىكى جۇڭگولۇقلار: بۇ قېتىم ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، ۋەتەننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە، دېيىشتى.

رۇسىيە سانكىتبېتىربورگ جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى يۈ خۇڭيى مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ چەتئەللەردىكى جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلىشى بىزگە نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە، ئىشىنىمىزكى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىشلىرىدا چوقۇم تېخىمۇ شانلىق نەتىجىلەر يارىتىلىدۇ.

پاكىستاندىكى جۇڭگو مۇھاجىرى لا جيېليەن مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش يېڭى دەۋر تەرەققىياتىنىڭ تەلىپى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈش جۇڭگو خەلقىنى ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەشكە پايدىلىق.

چەتئەللەردىكى جۇڭگولۇقلار: ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋەتىنىمىزنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە تەسىرىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنىڭ نامايەندىسى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىدۇ، دېيىشتى.