13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 10 مەخسۇس كومىتېتى تەسىس قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-03-14 09:46

تۈنۈگۈن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرىنى تەسىس قىلىش ھەققىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ماقۇللىنىپ، 10 مەخسۇس كومىتېت تەسىس قىلىش قارار قىلىندى.

بۇ 10 مەخسۇس كومىتېت: مىللەتلەر كومىتېتى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش ۋە ئەدلىيە كومىتېتى، مالىيە ئىقتىساد كومىتېتى، مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت، سەھىيە كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، مۇھاجىرلار كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىق ئاسراش كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتىدىن ئىبارەت. ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلار مۇدىر، بىر قانچە مۇئاۋىن مۇدىر، بىر قانچە ئەزادىن تەشكىللىنىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسىگە ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ يىغىن مەزگىلىدە مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىشى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى، مەركەز خامچوتى ۋە يەرلىك خامچوتنى تەكشۈرۈشى زۆرۈر. شۇنىڭ ئۈچۈن، تۈنۈگۈن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى، مالىيە ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى ئايرىم-ئايرىم ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

يىغىن كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 19-مارت ئېچىلىدىغان 7-ئومۇمىي يىغىنىدا يەنە 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش ۋە ئەدلىيە كومىتېتى، مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت، سەھىيە كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، مۇھاجىرلار كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىق ئاسراش كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى لايىھەسى ئايرىم-ئايرىم ئاۋازغا قويۇلىدۇ.