خەلقنى رازى قىلىدىغان مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرايلى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-03-14 09:47

بۈگۈن نەشردىن چىققان خەلق گېزىتىدە «خەلقنى رازى قىلىدىغان مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرايلى» دېگەن تېمىدا ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: 13-مارت چۈشتىن بۇرۇن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا گوۋۇيۈەننىڭ ئورگان ئىسلاھاتى لايىھەسى ھەققىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، لايىھەدە، گوۋۇيۈەننىڭ تەركىبىدىكى تارماقلار ۋە باشقا ئورگانلار خېلى زور دەرىجىدە تەڭشىلىپ، سەككىز مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئورگان ۋە يەتتە مۇئاۋىن مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئورگان ئازايتىلىپ، ئورگان تەسىس قىلىش ۋە فۇنكسىيەسىنى سەپلەش سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتى راۋانلاشتۇرۇلدى. بۇ ئىسلاھات-يېڭى دەۋردىكى ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، دىققەت تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا مۇجەسسەملىنىپ، مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇپ، خەلققە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، خەلقنى تېخىمۇ رازى قىلىش مەقسەت قىلىندى.