ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-03-14 09:48

تۈنۈگۈن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان گوۋۇيۈەن ئورگان ئىسلاھاتى لايىھەسىدە، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: بۇ ئىسلاھات تەدبىرى-ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.

جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ گۇاڭجيەن مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئورگان ئىسلاھاتىدا، بىر تۈردىكى ئىشلارغا پىرىنسىپ جەھەتتىن بىر تارماق بىر تۇتاش مەسئۇل بولۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، بۇرۇنقى دائىم دېيىلىدىغان «سۇنىلا تىزگىنلەش» جەھەتتىكى مەسىلىلەر، تارماقلار ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇق تالاش-تارتىش، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىش، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش، مەمۇرىي بايلىقنى ئىسراپ قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

سۇ باشقۇرۇشنى مىسالغا ئالساق، نۆۋەتتىكى ئەندىزە-مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى يەر ئۈستى سۈيىنىڭ مۇھىتىغا مەسئۇل بولۇش، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى يەر ئاستى سۈيىنىڭ بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىشنى نازارەت قىلىش، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزلىرىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىك جەھەتتىكى سۇنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى نازارەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش، دۆلەتلىك دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسى دېڭىز-ئوكيان مۇھىتىنى قوغداشقا مەسئۇل بولۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا، بۇ فۇنكسىيەلەر ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈلۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش فۇنكسىيەسى تارقاق بولۇش ۋەزىيىتى ئۆزگەرتىلدى.

خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، چىڭخەي ئۆلكىسى گولو زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشلىقى بەيجيا جاشى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئۈچ دەريا مەنبەسى دۆلەت باغچىسى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش باسقۇچىغا كىردى. بۇ ئىسلاھات تەدبىرى-يەرلىكنىڭ دۆلەت ئىلىكىدىكى تەبىئىي بايلىق، مۈلۈكنى باشقۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، تەبىئىي ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى ئىشلىتىشنى تىزگىنلەش، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى قاتارلىق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەپ ۋە ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى تېخىمۇ سەرخىللاشتۇرۇپ، ماسلاشتۇرۇپ ۋە يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرۈپ، يەرلىكنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى قوزغاپ، يەرلىكنىڭ ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ پائال ئىزدىنىشىگە ئىلھام بېرىشكە پايدىلىق.