خەلق ئۈچۈن ئەتراپلىق ساغلاملىق مۇلازىمىتى قىلايلى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-03-14 09:49

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن گوۋۇيۈەننىڭ گوۋۇيۈەن ئورگان ئىسلاھاتى لايىھەسى ھەققىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەدە، دۆلەتلىك سەھىيە، ساغلاملىق كومىتېتى قۇرۇش، دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق كومىتېتىنى يەنە ساقلاپ قالماسلىق، گوۋۇيۈەن داۋالاش، دورا، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنى يەنە تەسىس قىلماسلىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭخۇا تېبابەت ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپى راۋ كېچىن مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ ئىسلاھات لايىھەسىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان ساغلاملىق ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، گوۋۇيۈەن ئورگان ئىسلاھاتىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش تەلىپى نامايان قىلىندى.

راۋ كېچىن مۇنداق دېدى: ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش-يۇقىرى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، مەسئۇل تارماقلار باش بولۇپ ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەشكىللەپ يولغا قويۇشقا موھتاج. فۇنكسىيەدىن قارىغاندا، دۆلەتلىك سەھىيە، ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشىنى تۈزۈلمە ۋە تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش-چوڭ سەھىيە، چوڭ ساغلاملىق قارىشىنى كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشقا پايدىلىق.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خۇنەن جۇڭگو تېبابىتى ۋە دورا ئۇنىۋېرسىتېتى 1-شۆبە دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى جاڭ دى مۇنداق دېدى: دۆلەتلىك سەھىيە، ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى-كېسەل داۋالاشنى مەركەز قىلىشتىن خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىشقا قاراپ بۇرۇلۇش ياساشنى گەۋدىلەندۈردى. داۋالاش مۇلازىمىتى، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ كۈتۈنۈش، ساغلاملىقنى باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلىپ، ساغلام چاغدا كېسەلدىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەكىتلىگەندە، كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى خەلق ئاممىسىغا ئەتراپلىق، تولۇق دەۋرىيلىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى قىلغىلى بولىدۇ.