لى جەنشۇ موزامبېكتا رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-05-16 10:30

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ موزامبېك پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ماكامونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 12-مايدىن 15-مايغىچە موزامبېكتا رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى، موزامبېكنىڭ پايتەختى ماپۇتودا زۇڭتۇڭ نيۇسى، پارلامېنت باشلىقى ماكامو بىلەن ئايرىم ئايرىم سۆھبەتلەشتى، ئافرىقىدىكى جۇڭگو مەبلىغىدىكى كارخانىلارنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا، 2018-يىللىق ئافرىقا كۇڭزى ئىنستىتۇتى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا، موزامبېك-جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزى، كۇڭزى ئىنستىتۇتى ۋە تاراتقۇ سەنئەت ئىنستىتۇتى ئوقۇتۇش بىناسى تۈرىگە ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا، موزامبېك «ئون مىڭ كەنتكە سۈنئىي ھەمراھلىق تېلېۋىزور يەتكۈزۈش تۈرى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، جۇڭگو-موزامبېك يېزا ئىگىلىكى تېخنىكىسى ئۈلگە مەركىزى، جۇڭگو ياردەم قىلىپ قۇرغان ماپۇتو دېڭىز ئاتلىغان چوڭ كۆۋرۈكىنى كۆزدىن كەچۈردى.

لى جەنشۇ نيۇسى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى. لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن موزامبېك ياخشى دوستلار، نەچچە ئەۋلاد رەھبەرلەر بۇنىڭ ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. 2016-يىلى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-موزامبېك مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى كۈتۈۋالدى. جۇڭگو رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئافرىقا خىزمىتىگە ئەستايىدىل سەمىمىي پوزىتسىيە تۇتۇش ئىدىيەسى ۋە توغرا مەنپەئەت قارىشى بويىچە، موزامبېكنىڭ مۇستەقىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، موزامبېكنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىگە ھەقىقىي ياردەم بېرىدۇ.

لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو موزامبېك بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى خالايدۇ، سىياسىي ئىشەنچ، ئىقتىسادتا بىر-بىرىنى تولۇقلاش، خەلق دوستلۇقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئۈستۈنلۈكنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بىر بەلباغ بىر يولنى تەڭ قۇرۇش، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى، جۇڭگو-پورتۇگال تىلىدىكى دۆلەتلەر ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق مۇنبىرىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سەھنىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ موزامبېكتا كەسىپ گۈللەندۈرۈشىنى قوللاپ، جۇڭگو بىلەن موزامبېكنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە سىياسىي ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

لى جەنشۇ ماكامو بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى موزامبېك پارلامېنتى بىلەن ھەر قايسى قاتلاملاردىكى دوستانە ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارلامېنت ئەزالىرى كۇرسى، مەمۇرىيەت ئىقتىدارى كۇرسىنى ياخشى قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. موزامبېك پارلامېنتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى قانۇنچىللىق ۋە مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ موزامبېكقا كېلىپ كەسىپ گۈللەندۈرۈشىگە قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

لى جەنشۇ ئافرىقىدىكى جۇڭگو مەبلىغىدىكى كارخانىلارنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، ئۇ ئافرىقىدىكى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ شۇ يەرنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، يەرلىكنىڭ ئۆرپە-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ ياخشى ئوبرازى، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازى، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك دوستلۇق ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى. لى جەنشۇ 2018-يىللىق ئافرىقا كۇڭزى ئىنستىتۇتى بىرلەشمە يىغىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئافرىقىدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتى مەۋقەنى جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇقى، بىلىمدىن تەڭ بەھرىلىنىش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا قارىتىپ، جۇڭگو مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگوغا ئافرىقىنى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو-ئافرىقا ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ ئەلچىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.