شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ كېڭەش باشلىقى بانكىمون بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-05-16 14:29

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ كېڭەش باشلىقى بانكىمون بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرى قۇرۇلدى، مۇنبەرنىڭ بۇرچى ۋە ئاساسىي مەقسىتى ئاسىيا ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. مۇنبەرنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دىققىتىنى ئاسىيا ۋە گۈللىنىۋاتقان بازار ئىقتىسادى گەۋدىسىگە قارىتىپ، دۇنيا تەرەققىياتىدىكى زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئېتىبار بېرىپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىقتىسادنى تىزگىنلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىمكانىيەتلىك، سىجىل تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەپەككۇر، يېڭى ئۇسۇل بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ساھىبخان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو مۇنبەر كېڭىشىنىڭ خىزمەتلىرىنى، مۇنبەرنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىنى ئاۋۋالقىدەكلا قوللايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: نۆۋەتتە خەلقئارادا مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللار كۈنسېرى ئاشماقتا، يېڭى مەسىلە، يېڭى خىرىسلار ئۈزلۈكسىز پەيدا بولماقتا. مەن بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2018-يىللىق يىغىنىدا كۆپچىلىككە ئىقتىسادنى يەرشارىلاشتۇرۇش ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان دەۋر ئېقىمى، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەقدىرى ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك زىچ باغلانغان ئەمەس. ئىقتىسادنى يەرشارىلاشتۇرۇشتا مەسىلە كېلىپ چىقسا، مۇتەئەسسىپلىكنى ساقلاش ئۇسۇل ئەمەس، كۆپ تەرەپ ماسلاشقاندىلا ئاندىن چىقىش يولىنى تاپقىلى بولىدۇ دېگەن ئىدىم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى تاقىلىپ قالمايدۇ، پەقەتلا بارغانسېرى ئېچىۋېتىلىدۇ. بىز كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قوللاشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنى يەرشارىلاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، پايدا يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق غەلىبە قىلىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. مەن بۇ يىللىق مۇنبەردە جۇڭگونىڭ ئۆز ئۆزىگە خوجا بولغان ھالدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش تەدبىرىنى جاكارلىدىم. بۇ تەدبىرنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاسىيا ۋە دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ.