مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن سېربىيە خەلق پارلامېنتى ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئاپپاراتلىرى ھەمكارلىقى كومىتېتىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-05-17 10:11

جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساۋ جيەنمىڭ بىلەن سېربىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئالسىك 15-ماي جۇڭگو-سېربىيە قانۇن تۇرغۇزۇش ئاپپاراتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق يىغىنىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئىككى تەرەپ بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى يىغىن غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ دوستلۇق ئالاقىسىنىڭ يېڭى باسقۇچى ئېچىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسى نامايان قىلىندى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-سېربىيە قانۇن تۇرغۇزۇش ئاپپاراتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىدىن ئىبارەت بۇ ئۈنۈملۈك سەھنىگە تايىنىپ، كۆپ ساھەلەردىكى سۆزلىشىش ۋە قانۇن تۇرغۇزۇش تەجرىبىلىرى ۋە ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشەنچى چوڭقۇرلىتىپ، ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.