70 ئوتتۇرا چوڭ شەھەردىكى تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسىدا ئۆزگىرىش بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-05-17 10:20

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 16-ماي 70 ئوتتۇرا چوڭ شەھەردىكى تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى ئىستاتىستىكىسىنى ئېلان قىلدى. ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەردە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي بىلەن نىمكەش ئۆينىڭ سېتىلىش باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن چۈشۈش نىسبىتى ئالدىنقى ئايغا قارىغاندا ئايرىم ئايرىم ھالدا 0.4 پوئىنت ۋە 0.6 پوئىنت ئاشقان.

4-ئايدا، ئىككىنچى سەپتىكى شەھەرلەردە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆينىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى 3-ئايدىكى بىلەن تەڭلەشكەن، نىمكەش ئۆينىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى 3-ئايدىكىدىن 0.1 پوئىنت تۆۋەنلىگەن. ئۈچىنچى سەپتىكى شەھەرلەردىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي بىلەن نىمكەش ئۆينىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى 3-ئايدىكىدىن 0.3 پوئىنت تۆۋەنلىگەن.

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شەھەر مەھكىمىسىنىڭ ئالىي لايىھەلىگۈچىسى ليۇ جيەنۋىي مۇنداق دېدى: 4-ئايدا، جايلار شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، شەھەرگە قاراپ سىياسەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈر بويىچە تەڭشەپ كونترول قىلىشنى بوشاشتۇرماي، سىياسەتنىڭ سىجىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلىدى.