2017-يىلى خۇسۇسىي بولمىغان ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى %10 ئاشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-05-17 10:21

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 15-ماي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، 2017-يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى شەھەر بازارلاردىكى خۇسۇسىي بولمىغان ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى 74 مىڭ 318 يۈەنگە يېتىپ، 2016-يىلىدىكىدىن %10 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى 2016-يىلىدىكىدىن 1.1 پوئىنت تېزلەشكەن، مال باھاسى ئامىلىنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندا، ئەمەلىي ئېشىش نىسبىتى %8.2 بولغان. كەسىپ بويىچە قارىغاندا، ئۇچۇر يەتكۈزۈش، يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت ئۈچ كەسىپنىڭ مائاشى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ 133 مىڭ 150 يۈەنگە، پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ 122 مىڭ 851 يۈەنگە، پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ 107 مىڭ 815 يۈەنگە يەتكەن. يىللىق ئوتتۇرا مائاش ئەڭ تۆۋەن كەسىپ يېزا ئىگىلىكى، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق بولۇپ، 36 مىڭ 504 يۈەن بولغان، ياتاق ۋە يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ 45 مىڭ 751 يۈەنگە، ئاھالىلەر مۇلازىمىتى، رېمونتچىلىق ۋە باشقا مۇلازىمەتچىلىكنىڭ 50 مىڭ 552 يۈەنگە يەتكەن. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى نوپۇس ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باش ئىستاتىستىكىچىسى مىڭ سەنۋىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىنتېرنېت ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەتچىلىك ۋەكىللىكىدىكى زامانىۋى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئېشىش سۈرئىتى باشقا ئەنئەنىۋى مۇلازىمەتچىلىكتىن پەرقلىنىدۇ. شەھەر-بازارلاردىكى خۇسۇسىي بولمىغان ئورۇنلاردا ئۇچۇر يەتكۈزۈش، يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسى باشقا كەسىپلەرنىڭ ئالدىدا.