3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا كۆرگەزمىسى ئاياغلاشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-05-17 10:22

3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا كۆرگەزمىسى ۋە جۇڭگو شەرق-غەرب ھەمكارلىقى بىلەن مەبلەغ سېلىش يەرمەنكىسى 15-ماي شىئەندە ئاياغلاشتى. كۆرگەزمە جەريانىدا، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ چېگرا ھالقىغان ھايۋانلار كېسىلىنىڭ ئالدىنى بىرلىشىپ ئېلىش ھەمكارلىقى يىغىنى بىرلەشمە باياناتى» ئارقىلىق «2018-يىللىق يىپەك يولى سودا ھەمكارلىقى يۇمىلاق ئۈستەل ئورتاق تونۇشى» شەكىللەندۈرۈلدى، يىپەك يولى داشۆسى ئىتتىپاقى ئالەم قاتنىشى شۆبە ئىتتىپاقى قاتارلىق 11 بىر بەلباغ بىر يول مائارىپ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئورگىنى قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ يېڭى بوشلۇقى كېڭەيتىلدى.

بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە قازاقىستان، ئەنگلىيە، مالايشىيا، فىلىپپىن قاتارلىق دۇنيادىكى 75 دۆلەت ۋە رايون، 52 سىياسىيون، 1900دىن ئارتۇق چەتئەللىك مېھماننى جەلپ قىلدى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرى، يىپەك يولى مائارىپ ھەمكارلىقى ئالماشتۇرۇش يىغىنى، 2018-يىللىق خەلقئارا مەدەنىيەت كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىيات باشلىقلار يىغىنى قاتارلىق 40 نەچچە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، پۇل-مۇئامىلە، قانۇن، مائارىپ قاتارلىق 20 نەچچە ساھەگە چېتىلدى.