خولۇمبىر ئۈمىد ئېتىزىدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا تەلپۈنمەكتە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-05-17 10:24

سېيالكا ئۇيقۇدىكى قارا تۇپراقنى ئويغاتتى، ئېتىزلار ئەتىيازلىق تېرىقچىلىق ئالدىراشلىقىغا چۆمدى. مەملىكىتىمىز ۋە ئىچكى موڭغۇلدىكى باقلا ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى خولۇمبىردا باقلا دېھقانلار ۋە كارخانىلارغا نىسبەتەن يەنە بىر قېتىم ئالتۇن پۇرچاققا ئايلاندى. بۇ يىل پۈتۈن شەھىرىنىڭ باقلا تېرىلغۇ پىلانى تەخمىنەن 11 مىليون 200 مىڭ موغا يېتىدۇ، بۇ ئاۋۋالقى يىلدىكىدىن 2 مىليون 100 مىڭ مو كۆپ. ئارون قوشۇنى ئادون بازىرىدا تېرىقچىلىققا تەشكىللەۋاتقان خولۇمبىر جوڭروڭ يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جاڭ خەيجۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىز ئارون خوشىنىدا 100 مىليون مودىن كۆپرەك يەرنى ئوبوروت قىلدۇق، بۇنىڭ %60دىن كۆپرەكىگە باقلا تېرىدۇق. ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتى بار، بىزنىڭ زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق تېخنىكىمىز بار، كۆلەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلالايمىز، باقلا تېرىساق ئىستىقبالىمىز چوقۇم ياخشى بولىدۇ.

خولۇمبىر شەھەرلىك دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق ئىدارىسى تېرىقچىلىق كەسپى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليەن ۋەنچۈەن مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: خولۇمبىر شەھىرىنىڭ يەر كۆلىمى چوڭ، ماشىنىلاشتۇرۇش دەرىجىسى يۇقىرى، تۇپراق مۇنبەت، كىلىماتى مۇۋاپىق قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە ؛ س باقلا تېرىشقا ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدۇ. 2017-يىلى خولۇمبىر شەھىرىنىڭ باقلا تېرىلغۇ كۆلىمى 9 مىليون 140 مىڭ موغا ، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 13 مىليون 960 مىڭ موغا يېتىپ، پۈتۈن شەھەر ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنىڭ%18.3 نى ئىگىلىدى؛ باقلا تېرىلغۇ كۆلىمى بىلەن مەھسۇلات مىقدارى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ %80 دىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتى داۋامىدا خولۇمبىر شەھىرى دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، قۇرۇلمىنى تەڭشەش بىلەن كەسىپنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشنى بىرلەشتۈرۈپ؛ سىياسەت يېتەكچىلىك قىلىش، تۈر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، تەشۋىق قىلىش ۋە تەربىيەلەش ئارقىلىق رايون قۇرۇلمىسىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى ۋە سورت قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرغان. جايلار باقلانى سېتىش قىيىن بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆپ تەرەپلەر بىلەن ماسلىشىپ زاكاز تېرىقچىلىقىنى قانات يايدۇرغان.

ھازىر بۇ شەھەر نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش تۈزۈمى سىنىقىنى يولغا قويۇپ، تېرىلغۇ كۆلىمىنى 2 مىليون 150 مىڭ موغا يەتكۈزگەن. ئاساسلىق نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش قېلىپى باقلا -كۆممە قوناق -باقلا بولۇپ، كۆممە قوناقنى ئازايتىپ باقلانى كۆپەيتىشتىن ئىبارەت تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش خىزمىتى زور ئىلگىرى سۈرۈش رولى ئوينىدى. نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش قېلىپى تېرىلغۇ يەرلەردىكى زىيانداش ھاشاراتلار خەۋپىنى يېنىكلىتىپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ؛ تۇپراقنى ياخشىلايدۇ، مەھسۇلاتنىڭ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇشتا ئىجابىي رول ئوينايدۇ، يەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش ئارقىلىق تېرىقچىلىق قىلىش، تېرىقچىلىق ئارقىلىق يەرنىڭ ئوزۇقلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.