ئېلىمىز شەھەر يېزىلىرىدىكى داۋالاش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولغان ياشانغانلار نىسبىتى %98 دىن ئاشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-05-17 10:24

جۇڭگو ياشانغانلار ئىلمىي تەتقىقات مەركىزى 15-ماي بېيجىڭدا ئېلان قىلغان جۇڭگونىڭ شەھەر يېزىلىرىدىكى ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنىڭ 2018-يىللىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىز شەھەر يېزىلىرىدىكى داۋالاش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولغان ياشانغانلار نىسبىتى %98 دىن ئاشقان.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك داۋالاش ئىسلاھاتى يولغا قويۇلۇپ ھازىرغىچە ئېلىمىز داۋالاش كاپالىتى تورىنى زور كۈچ بىلەن مۇستەھكەملەپ، شەھەر يېزىلاردىكى بارلىق ياشانغانلارنى داۋاملىق نەپكە ئېرىشتۈردى. جۇڭگو ياشانغانلار ئىلىمى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ شىنيۈەن شۇ كۈنى ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: دوكلاتقا ئاساسلانغاندا 2015-يىلى شەھەر يېزىلاردىكى داۋالاش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولغان ياشانغانلار نىسبىتى ئايرىم ئايرىم%98.9، %98.6گە يېتىپ، 2006-يىلىدىكىدىن ئايرىم ئايرىم %12.4 ۋە %14.31 گە يەتكەن؛ ساياھەت كۈنسايىن ياشانغانلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ يېڭى تاللىشىغا ئايلانغان.

ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىق قارشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، كۆپلىگەن ياشانغانلار جەمئىيەتتىكى پائالىيەتلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتناشقان. ياشانغانلار ئۇنىۋېرسىتېتى، ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتى، مەھەللىلەرنىڭ ئاممىۋى ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشتا بارغانسېرى كۆپلىگەن ياشانغانلارنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.