ليۇ خې باشچىلىقىدىكى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا يېتىپ باردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-05-17 10:25

شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد سۆزلىشىشى بويىچە جۇڭگو تەرەپ مەسئۇلى ليۇ خې ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن جۇڭگو تەرەپ ئىقتىساد سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شۇ يەر ۋاقتى 15-ماي چۈشتىن كېيىن ۋاشىنگتونغا يېتىپ باردى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ھەر قايسى ئاساسلىق ئىقتىساد تارماقلىرىدىن تەشكىللەنگەن.جۇڭگو تەرەپ خىزمەت گۇرۇپپىسى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى يېتىپ بېرىشتىن ئىلگىرى يەنى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىغا يېتىپ بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن كېڭەشكەن.