يەتتە ئۆلكە مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنىڭ%70نى تاماملىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-05-17 10:28

بۇ يىل ئاپرېلنىڭ ئاخىرىغىچە بېيجىڭ، شاڭخەي، خۇبېي، گۇاڭدوڭ،چۇڭچىڭ ، شەنشى، گەنسۇ قاتارلىق يەتتە ئۆلكە ، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش ئۆزگەرتىش لايىھەسىدە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان493 تۈزىتىش ۋەزىپىسىدىكى 357 تۈرنى تاماملىدى، قالغان تۈرلەرنى تۈزەتمەكتە.

ئېكولوگىيە مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 15-ماي مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى 2016-يىلى 11-ئايدىن 12-ئايغىچە يەتتە ئۆلكە مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلدى ھەمدە 2017-يىلى 4-ئايدا نازارەت قىلىش ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى. جايلار نازارەت قىلىش تۈزىتىش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزۇن مەزگىل ھەل قىلىش قىيىن بولغان بىر تۈركۈم مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى.

كېيىنكى باسقۇچتا دۆلەتلىك مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسى جايلارنىڭ تۈزىتىش ئەھۋالىنى داۋاملىق تىزىملاپ تەڭشەيدۇ ھەمدە ھەرىكەتچان ۋە نۇقتىلىق شەكىلدىكى نازارەت قىلىشنى قەرەلسىز تەشكىللەيدۇ.