ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداشتىكى تۇنجى دېلوغا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-13 11:16

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

 مەملىكەت بويىچە ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداشتىكى تۇنجى جامائەتچىل دەۋا دېلوسىغا تۈنۈگۈن جياڭسۇنىڭ خۇەيئەندە ھۆكۈم ئېلان قىلىندى. بۇ يىل 12-ماي چۈشتىن كېيىن، جياڭسۇنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش جەڭچىسى شيې يوڭ خۇەيئەن شەھىرىنىڭ مەلۇم مەھەللىسىدە ئوت ئۆچۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا بەختكە قارشى قۇربان بولغان، زېڭ فامىلىلىك تور ئەھلى ئىنقىلابىي قۇربان شيې يوڭنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش جەريانىدا قۇربان بولۇش ئىشى ھەققىدە ئۈندىدار توپىدا ئەمەلىيەتنى بۇرمىلىغان ھەم ھاقارەت خاراكتېرلىك سۆزلەرنى قىلغان. سوت مەھكىمىسى جاۋابكار زېڭ فامىلىلىكنىڭ قىلمىشى-ئىنقىلابىي قۇربان شيې يوڭنىڭ نام-ئابرۇيىغا داغ تەگكۈزۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى، شۇڭا ئۇ قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ قاراپ، جاۋابكار زېڭ فامىلىلىكنى ئاشكارا كەچۈرۈم سوراپ، يامان تەسىرنى يوق قىلىشقا بۇيرۇدى. سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئېلان قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكار زېڭ فامىلىلىك نارازىلىق ئەرزى سۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم سوتنىڭ ئۆزىدە كەچۈرۈم سوراش خېتىنى ئوقۇدى.