پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئىسلاھاتىغا مۇناسىۋەتلىك پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن نىزام ۋە ئالاقىدار ھۆججەتلەر ئېنىقلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-13 11:17

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ 7-ئىيۇندىكى ئۇچۇرىغا قارىغاندا، پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئىسلاھاتىغا مۇناسىۋەتلىك پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن نىزام ۋە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى مەخسۇس ئېنىقلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. يېقىندا مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىغا مۇناسىۋەتلىك پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن نىزام ۋە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارارىنى بېسىپ تارقىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە دۆلەتنىڭ رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا مۇناسىۋەتلىك مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن نىزام ۋە ھۆججەتلىرىدىن 51نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىغا مۇناسىۋەتلىك پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن نىزام ۋە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى مەخسۇس ئېنىقلاش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىسى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن مۇھىم تەدبىر. مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تۆت ئاڭنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى پارتىيە نىزامنامىسىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىش، رېۋىزىيە قانۇنىنى يولغا قويۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئېنىقلاش ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل ئورۇنلاپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى ، دۆلەتنىڭ رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ قانۇن بەلگىلىمە بويىچە ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.