يۇقىرى سۈرەتلىك ئېلېكتوروۋۇزنىڭ ئاپتوماتىك ھەيدەش سىستېمىسى نەق مەيداندا سىناق قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-13 11:28

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتى 7-ئىيۇن بېيجىڭ شېنياڭ يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈر يولدا يۇقىرى سۈرەتلىك ئېلېكتوروۋۇزنىڭ ئاپتوماتىك ھەيدەش سىستېمىسىنى نەق مەيداندا سىناق قىلدى. بۇ جۇڭگو تۆمۈر يولىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈر يول ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى جەھەتتە مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشتا مۇھىم باسقۇچلۇق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈر يولى بىر پۈتۈن تېخنىكىسىدا داۋاملىق دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى.

بۇ يىل 3-ئايدىن بۇيان ، جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتى ياسىلىۋاتقان بېيجىڭ شېنياڭ يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ لياۋنىڭ بۆلىكىدە يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈر يولنىڭ ئەقلى ئىقتىدارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى ئۇنىۋېرسال سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى. 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 28 تۈرلۈك سىناق ياكى ئۆلچەش تۈرىنىڭ 13 تۈرى تاماملىنىپ، ئۇنىۋېرسال سىناقتا باسقۇچ خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەت قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر بېيجىڭ جاڭجياكۇ يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈر يولى، بېيجىڭ شيوڭئەن يېڭى رايونى شەھەرلەر ئارا تۆمۈر يولىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارلىق يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىدا قوللىنىلىدۇ.