ئېلىمىزنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كەسپىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 100 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-13 11:28

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەتقىقاتخانىسىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ئېلىمىزنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كەسپىنىڭ قىممىتى 100 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا ئىكەن، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئاساسىي تىجارەت قىلغان كارخانا تەخمىنەن 370كە يېتىدىكەن.

جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەتقىقاتخانىسى 7-ئىيۇن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى بىر تۈركۈم پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىلمىي يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئاساسلىقى «جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىنتېرنېت سانلىق مەلۇماتلىرى دوكلاتى 2017»، «ئىلىم-تەڭ قەدەم 2018»، «ئېلىمىز پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كەسپى تەرەققىياتى تەتقىقات دوكلاتى» ۋە «يېڭى دەۋر ئىلمىي روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.