جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قارا جەمئىيەت رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش مەخسۇس كۈرىشىنى ئورۇنلاشتۇردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-13 11:29

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

7-ئىيۇن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بېيجىڭدا مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ «قارا جەمئىيەت رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش» مەخسۇس كۈرىشى تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، مەخسۇس كۈرەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. مۇئاۋىن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى لى ۋېي يىغىندا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تۆت ئاڭنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇشنى مەخسۇس كۈرەشنىڭ بارلىق جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، مەخسۇس كۈرەشنى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئورۇنغا قويۇپ تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى مەخسۇس كۈرەشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆلچەشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىش كېرەك، زور ئىرادە، ئەمەلىي تەدبىر، زور كۈچ بىلەن قارا جەمئىيەت رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش تەشەببۇسكارلىق جېڭى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، بىر پۈتۈنلۈك جېڭىنى ھەقىقىي ياخشى قىلىپ، مەخسۇس كۈرەشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.