«جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىشى نېمە ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى» ناملىق كىتاب نەشردىن چىقتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-13 11:30

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەن 40 يىلدىن بۇيان، بىز سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئارقا ئارقىدىن جۇڭگو مۆجىزىسىنى بارلىققا كەلتۈردۇق. جۇڭگو ئىسلاھات ئېچىۋېتىشى نېمە ئۈچۈن بۇنداق كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ؟ بۇ جۇڭگولۇقلار ھەتتا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىلىق تېما. بېيجىڭ سىفەن داشۆسى جۇڭگوچە ماركسىزم نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە تەربىيە تەشۋىقات ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ باسقۇچلۇق نەتىجىسى بولغان جۇڭگو ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەنلىكىنىڭ 40 يىللىقى خاتىرىلەنگەن «جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىشى نېمە ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى» ناملىق يېڭى كىتابنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋە سۆھبەت يىغىنى يېقىندا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر بۇ كىتابنى مۇھاكىمە قىلدى.

بۇ يېڭى كىتابتا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە، ئىدىيە ۋە لۇشيەن، ئىسلاھات ئۇسۇللىرى، قىممەت قارىشى قاتارلىق 10 تەرەپتىن جۇڭگودىكى ئىسلاھاتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش سەۋەبى مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتور مۇنداق دەپ قارىدى: پەقەت جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق يېڭىلىق ياراتقاندا ئاندىن جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىشى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدۇ. بۇ كىتابتا جۇڭگو ئىسلاھات ئېچىۋېتىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت تەجرىبىلىرى سۆزلەنگەن بولۇپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆز ئىسلاھات ھېكايىسى سۆزلەنگەن.