دۆلەتلىك مەخسۇس ئارىلاپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىچكى موڭغۇلدا خىزمەتلەرنى باشلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-13 11:31

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك مەخسۇس ئارىلاپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 29-مايدىن 1-ئىيۇنغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا تۆت كۈنلۈك پولات تۆمۈر كەسپىدىكى ئېشىنچا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىپ، «چىغ پولات»نىڭ قايتىدىن تىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەخسۇس ئارىلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىدى.

ئارىلاپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئىچكى موڭغۇلنىڭ تۇڭلياۋ، ھىنگاڭ ئايمىقى، ئۇلانچاب، باۋتۇ، بايانور ئايماق شەھەرلەردىكى ئالتە كارخانىدا «چىغ پولات» نىڭ قايتا تىرىلىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان ئېشىنچا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش، يېڭىدىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كۆپەيتىشنى قاتتىق مەنئى قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئارىلاپ تەكشۈردى.

مۇخبىرنىڭ كۆكخوت شەھىرىدە ئېچىلغان مەخسۇس ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى قايتما ئىنكاس يىغىنىدىن ئوقۇشىچە، مەخسۇس ئارىلاپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى كەسىپ مەھكىمىسىنىڭ كۆزەتكۈچىسى شيا نۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئىچكى موڭغۇل پولات تۆمۈر كەسپىدىكى ئېشىنچا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىپ «چىغ پولات»نىڭ قايتا تىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، مەركەزنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاكتىپ تەدبىر قوللىنىپ «چىغ پولات» نىڭ قايتا تىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى كەسكىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىجابىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. ئەمما قىسمەن رايونلاردا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاجىز بولۇش، بېسىمنى يەتكۈزۈش يېتەرسىز بولۇش، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش توختاپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان. بەزى كارخانىلاردا ئەنگە ئېلىنغان مەزمۇن بويىچە قۇرۇلۇش قىلماسلىق، بەلگىلىمىگە خىلاپ قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يېڭىدىن ئىشلەپچىقىرىش، چىغ پولات قايتا تىرىلىشتەك مەسىلىلەر ساقلانغان.