جېجياڭنىڭ جىڭنىن گۈزەل شېزۇلار يۇرتى بەرپا قىلىش ئۈستىدە پائال ئىزدەنمەكتە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-13 11:32

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزىلاردىكى ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش بويىچە ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى ۋە يېزا كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، جېجياڭنىڭ ياخشى تەجرىبە ئۇسۇللىرىنى يەنىمۇ ئومۇملاشتۇرۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا قولايلىق ئېكولوگىيەسى گۈزەل يېزا كەنتنى ياخشى قۇرۇپ چىقايلى دېگەن مۇھىم كۆرسەتمىسى جېجياڭ جىڭنىن شېزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارنى تېخىمۇ ئىلھاملاندۇردى.

2009-يىلى بۇ كەنتتىن چىققان ۋۇ يۇڭ خاڭجۇدىكى شەھەر تۇرمۇشىدىن ۋاز كېچىپ، يۇرتى دۇڭكېڭ بازىرى شېنشياڭ كەنتىدە جىڭنىن ياجىڭ گۈل گىياھ كەسپى كوپىراتىپىنى تەسىس قىلىپ،«ئەتلىك ئۆسۈملۈك پادىشاھىغا» ئايلاندى. نۆۋەتتە بازىدا تېرىلغان ئەتلىك ئۆسۈملۈك 40 نەچچە خىلغا يېتىپ، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئېگىز تاغ ئەتلىك ئۆسۈملۈك بازىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بۇنىڭدىن باشقا ۋۇ يۇڭ يەنە كەنت ئاھالىلىرىگە بېقىش تېخنىكىسى ۋە سېتىش ماھارەتلىرىنى ئۆگەتتى، كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆز ھويلىسىدا ئەتلىك ئۆسۈملۈك يېتىشتۈرۈش ۋە سېتىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئەتلىك ئۆسۈملۈك ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولدى.