دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قاتار ئەمرى تامىم بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-10 12:33

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن قاتار ئەمرى تامىم بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن قاتار دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. 2014-يىلى 11-ئايدا، سىز جۇڭگودا ئوڭۇشلۇق دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدىڭىز، بىز جۇڭگو بىلەن قاتارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى بىرلىكتە جاكارلاپ، جۇڭگو-قاتار مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتۇق. مەن جۇڭگو-قاتار مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، قاتارنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشىنى قۇۋۋەتلەيمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش قىلىپ، جۇڭگو-قاتار مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.