لى كېچياڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن سۆھبەتلەشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-10 12:35

شۇ يەر ۋاقتى 9-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بېرلىندىكى زۇڭلى مەھكىمىسىدە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن سۆھبەتلەشتى.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ تۇنجى قېتىم گېرمانىيە ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودا ھەمكارلىشىپ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىدىكى پاي نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرى جۇڭگودا چوڭ تىپتىكى مۇستەقىل مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى قۇرۇش قاتارلىقلار ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى، بۇ جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئائىت بىر قاتار كونكرېت تەدبىرلىرىنىڭ كەينى-كەينىدىن ئەمەلىيلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىككى تەرەپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، ئاپتوماتىك ھەيدەش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. جۇڭگو بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تېخنىكا ئالماشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ، مەجبۇرىي تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قىستىمايدۇ. شۇنداقلا گېرمانىيەنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ گېرمانىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشىغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشىنى، يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىشنى ۋە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بازارغا كىرىش ئىجازىتىنى كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو گېرمانىيە بىلەن 3 - تەرەپ بازىرىدىكى ھەمكارلىقنى ئورتاق كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كەڭ بازارلارنى ئورتاق ئېچىشنى خالايدۇ.

مېركېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتىكى خەلقئارا ئارقا كۆرۈنۈشتە، گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد-سودا، تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سەمىمىي ئېچىۋېتىش ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشى تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. گېرمانىيە جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش تەدبىرلىرىنىڭ گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىدا ئالدى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەنلىكىنى خۇشاللىق بىلەن كۆردى. جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ گېرمانىيەگە كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ. كېلەر يىلىدىكى گېرمانىيە-جۇڭگو مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىلى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. گېرمانىيە بۇ قېتىمقى ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگو رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ـ جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىدە بالدۇرراق ئىجابىي نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشقا مەدەت بېرىدۇ.

سۆھبەتتىن بۇرۇن، مېركېل زۇڭلى مەھكىمىسى ئالدىدىكى مەيداندا لى كېچياڭنىڭ شەرىپى ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ھەربىي ئوركېستىر ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى كۆكتە جەۋلان قىلدى. لى كېچياڭ مېركېلنىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.