لى كېچياڭ گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ستېئىنمېيېر بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-10 12:36

شۇ يەر ۋاقتى 9 - ئىيۇل چۈشتىن كېيىن گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بېرلىندىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ستېئىنمېيېر بىلەن كۆرۈشتى.

لى كېچياڭ ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ ستېئىنمېيېرگە يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى . لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى داۋاملىق يۇقىرى سەۋىيەدە تېز تەرەققىي قىلماقتا. بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو - گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشى ئىككى دۆلەتنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ يول خەرىتىسىنى تۈزۈپ چىقتى. ئىككى تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ،ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كۆپ تەرەپلىك ۋە ئەركىن سودىنى قەتئىي قوغداش سىگنالىنى بىرلىكتە تارقىتىشقا قوشۇلدى . 21- ئەسىردىكى بۈگۈنكى كۈندە سودا قورغىنى قۇرۇشنىڭ ۋاقتى ئۆتتى . جۇڭگو گېرمانىيە بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى داۋاملىق ساقلاپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقنى ساقلاپ ، ئورتاق مەنپەئەت ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنىشنى خالايدۇ.

ستېئىنمېيېر ئەمدىلا ئاياغلاشقان 5 - نۆۋەتلىك گېرمانىيە - جۇڭگو ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىدە مول نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى ھەمدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى : نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە گېرمانىيە بىلەن جۇڭگو سودا چوڭ دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەركىن سودا مۇساپىسىدە تەھدىتكە ئۇچراشنى خالىمايدۇ . ھەر قايسى تەرەپلەر ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ ، تېخىمۇ يىراقنى كۆرەرلىك سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ ، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۈنۈملۈك بولغان ئەركىن سودىنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.