13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-10 12:46

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 9-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قانۇن بويىچە ياخشى قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا قارار لايىھەسىگە ئاۋاز بېرىش تەكلىپ لايىھەسىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.