13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ گۇرۇپپىلار يىغىنى ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-11 10:50

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى 9-ئىيۇل گۇرۇپپىلار يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈزەش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ھەققىدىكى دوكلاتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بۇلغىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا قانۇن بويىچە تۈرتكە بولۇش ھەققىدىكى قارار لايىھەسى قاراپ چېقىلدى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

يىغىنغا قاتناشقان ئەزالار ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش قانۇنى ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى قاراپ چىققاندا ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بۇلغىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش ــ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان زور ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرما. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ سىياسىي ئورنى يۇقىرى بوپتۇ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش خىزمىتىدە قولغا كەلگەن ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپتۇ، قانۇننى يولغا قويۇش داۋامىدا ساقلىنىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىلەر تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپتۇ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەر ناھايىتى كۈچلۈك قاراتمىلىققا، مەشغۇلاتچانلىققا ۋە ئىجرا قىلىش كۈچىگە ئىگە، بۇ دوكلاتنى ئومۇميۈزلۈك قۇۋۋەتلەيمىز.

يىغىنغا قاتناشقان خادىملار ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بۇلغىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا قانۇن بويىچە تۈرتكە بولۇش قارار لايىھەسىگە قاراپ چىققاندا مۇنداق دەپ قارىدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەخسۇس قارار چىقىرىشى ــ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىك، قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇش، بۇلغىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشقانلىق، بۇ ئېكولوگىيە مۇھىت قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، نازارەت قىلىش كۈچىنى كۈچەيتىش يولىدا پائال ئىزلىنىش، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ھەقىقىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، قارار لايىھەسىنى بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇشقا قوشۇلىمىز.