گوۋۇيۈەن ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-11 10:51

گوۋۇيۈەن ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى 9-ئىيۇل ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گوۋۇيۈەن ئاپپارات ئىسلاھاتىدا بىرىنچى باسقۇچتىكى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، قۇرۇش ۋە ئىككىنچى باسقۇچتىكى ئۈچنى بېكىتىش بەلگىلىمىسىنى تۈزۈش ۋەزىپىسى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، يېڭى كونا ئاپپاراتلارنىڭ ئالمىشىشى مۇقىم، تەرتىپلىك بولدى، كادىرلار ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىدىيەسى مۇقىم، روھىي قىياپىتى ياخشى بولۇپ، ئاپپارات ئىسلاھاتى بىلەن كۈندىلىك خىزمەتلەرنى ھەمتۈرتكۈلۈك تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشقا ئاشتى.

خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۈچنى بېكىتىش بەلگىلىمىسىنى چىڭ تۇتۇپ تەپسىلىلەشتۈرۈپ، ئۈچنى بېكىتىش ھەققىدىكى يېڭى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقىتقا ئاساسەن ۋەزىپە، ئاپپارات ۋە خادىملارنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساش قەدىمىنى تېزلىتىش بىلەن ھۆكۈمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك، ئاپپارات تەسىس قىلىش ۋە بىرلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ، كەسپىي ئورۇنلارنى ئاجرىتىپ يۆتكەش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. دۆلەت بېجى، يەرلىك باج ئېلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى مۇقىم تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىرلىككە كەلگەن باج يىغىشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە سەرخىللاشتۇرۇش كېرەك.