ۋاڭ چىشەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى گايتېر ۋە مىسىرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى شۈكرى بىلەن ئايرىم ئايرىم كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-11 10:53

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن 9-ئىيۇل ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى غېيتېر ۋە مىسىرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى شۈكرى بىلەن كۆرۈشتى.

ۋاڭ چىشەن غېيتېر بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ 2014-ۋە 2016-يىلى ئىككى قېتىم ئەرەب دۇنياسىغا مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگو ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، جۇڭگو ئەرەب ئەللىرىنىڭ بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو ئەرەب ئەللىرى دوستلۇقى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ۋاڭ چىشەن شۈكرى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بېرى رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ سېسىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە جۇڭگو مىسىر مۇناسىۋىتى داۋاملىق مۇقىم تەرەققىي قىلدى، جۇڭگو مىسىر بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە شۇنداقلا جۇڭگو ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتى، جۇڭگو ئافرىقا مۇناسىۋىتىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشتا تېگىشلىك رول ئويناشنى خالايدۇ