گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى «چوڭ تەكشۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ بېرىمەن» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-11 12:40

گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ «ئاشكارا تەكشۈرۈش» توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، 2018-يىللىق گوۋۇيۈەننىڭ چوڭ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا ماسلىشىش ئۈچۈن «چوڭ تەكشۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ بېرىمەن» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سىياسەت تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش مۇلازىمىتى جايىدا بولماسلىق، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ئاستا قىلىش، قالايمىقان قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ يىپ ئۇچى ۋە ئالاقىدار پىكىر تەكلىپلەرنى جەمئىيەتتىن ئاشكارا توپلايدۇ.

بۇ قېتىمقى پىكىر توپلاش پائالىيىتىدە تور ئىچى بىلەن تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىلىپ، ئاممىنىڭ تۆت خىل قاتنىشىش يولى ئېچىلىدۇ. توردا، ئامما جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىدىكى«چوڭ تەكشۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ بېرىمەن» مەخسۇس سىتونىغا كىرسە، شۇنداقلا جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى ئۈندىدار جامائەت سۇپىسىغا دىققەت قىلسا بولىدۇ، «چوڭ تەكشۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ بېرىمەن» ئۈندىدار كىچىك تەرتىپىگە كىرسە، شۇنداقلا جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ «ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئەرز قىلىش پاش قىلىش سۇپىسى»دا سۆز قالدۇرسىمۇ بولىدۇ. تور سىرتىدا، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى تەكشۈرۈش ئىشخانىسى مەخسۇس پوچتا خەت ساندۇقى تەسىس قىلدى، ئامما خەت-چەك شەكلى بىلەن «چوڭ تەكشۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ بېرىمەن» پائالىيىتىگە قاتناشسا بولىدۇ. ئادرېسى: بېيجىڭ شەھىرى 17980 خەت ساندۇقى، پوچتا نومۇرى 100017. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈندىدار كىچىك تەرتىپى ئېچىش، مەخسۇس پوچتا خەت ساندۇقى تەسىس قىلىش تۇنجى قېتىملىق ئىش. بۇ ئاممىنىڭ ساداسىغا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قۇلاق سېلىش، خەلقنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇش، خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.