دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-11 12:41

ئېلىمىز مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى مۇقىم ئاشتى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مۇقىم يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئايدىن 5- ئايغىچە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى ياخشى تەرەققىيات ھالىتىنى داۋاملىق ساقلىغان، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك تېز بولغان. 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى 11 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%9.8 ئاشقان، پايدا ئومۇمي سوممىسى 685 مىليارد 940 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.1 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە 5-ئايدىكى پايدا 155 مىليارد 190 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئايلىق پايدا جەھەتتە تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيە يارىتىلغان، تەخمىنەن %60 كارخانىنىڭ ئايلىق ئۈنۈمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %10 تىن ئېشىپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەزنىڭ سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%30.5 ئاشقان.

مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ھەرىكەت سۈپىتى ئىزچىل ياخشى بولدى، تەننەرخ خىراجىتى ۋە قەرز خەۋپ-خەتىرى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى. 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تەننەرخ خىراجىتى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كىرىمنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 0.6 پوئىنتى تۆۋەن بولدى؛ مۈلۈك قەرز نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى؛ 5 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، مەركەز كارخانىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مۈلۈك قەرز نىسبىتى % 66 بولۇپ ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.4 پوئىنتى تۆۋەنلىدى. دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى خۇاڭ يالىڭ مۇنداق دېدى: مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ئەمەلىيەتتە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات نەتىجىسىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى، مەركەز كارخانىلىرى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان تۆۋەن ئۈنۈملۈك ۋە ئۈنۈمسىز كاپىتالنى تېز بىر تەرەپ قىلدى، كەلگۈسىدە، ئىسلاھات نەتىجىلىرى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، ئىسلاھات پايدىسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆرۈلىدۇ.