مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئاچتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-11 12:56

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 4-سانلىق يىغىنىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش ۋە تۈزەش قانۇنىنى يولغا قويۇشنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىنى قاراپ چىقىشقا بىرلەشتۈرۈلۈپ مەخسۇس مەسىلە سوراش ئېلىپ بېرىلدى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش ۋە تۈزەش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا گۇرۇپپىلار بويىچە قاراپ چېقىلىش ئاساسىدا، بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىلىپ، مەخسۇس مەسىلە سوراش ئېلىپ بېرىلدى. بۇ-13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانات يايدۇرغان تۇنجى قېتىملىق مەخسۇس مەسىلە سوراش شۇنداقلا بۇ قېتىمقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتىكى بىر مۇھىم ھالقا.

ئەزا چېڭ لىفېڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «قۇرۇلمىلىق بۇلغىنىش مەسىلىسى بىر قەدەر گەۋدىلىك» بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، بىر قىسىم شەھەرلەردە پولات-تۆمۈر كارخانىلىرى بار بولۇپ، ئېغىر سانائەت شەھەرلەرنى قورشىۋالغاچقا، بىر قىسىم سانائەت كارخانىلىرى يېزا-بازارلارغا يۆتكەلمەكتە، كەلگۈسىدە قانداق قىلغاندا بۇلغىنىشنى مەنبەسىدىن تۈزىگىلى بولىدۇ دەپ سورىدى. مۇئاۋىن سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرى شىن گوبىن بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار، چاڭجياڭ دېلتىسى، فېنخې-ۋېيخې تۈزلەڭلىكى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردا پولات-تۆمۈر، كوكسلاشتۇرۇش، ئېلېكتىرولىز ئاليۇمىن، قۇيمىچىلىق، سېمونت قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يېڭىدىن كۆپىيىشى قاتتىق تىزگىنلىنىدۇ، يېڭى تۈرلەرنى قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. مۇردا كارخانىلارنى بىر تەرەپ قىلىش، تۆۋەن ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىش، ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىغا ئۇيغۇن كەلمىگەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى توختىتىش قاتارلىقلار مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى داۋاملىق ئازايتىلىدۇ. بۇ يىل پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يەنە 30 مىليون توننا ئەتراپىدا ئازايتىلىدۇ.

تەكشۈرۈشتە يەنە بىر قىسىم شەھەرلەرنىڭ بۇلغىنىشنى تۈزەش بېسىمى ۋە مەسئۇلىيىتىنىڭ تەدرىجىي ئازايغانلىقى، مۇھىت ئاسراش سىياسەت، تەدبىرىنى كۈچلۈك ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكى بايقالدى، ئەزا جياۋيۇڭ بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسى تۈزۈمىنىڭ ئەھۋالىنى ئالاھىدە سورىدى. مۇئاۋىن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرى جاۋ يىڭمىن مۇنداق دېدى: دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان بىر قىسىم جايلارنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىش سانىنىڭ ئاز بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى باشقۇرۇش نىزامىنى تېزدىن چىقىرىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ.