مېيىپ بالىلارنى قۇتقۇزۇش تۈزۈمى 1-ئۆكتەبىر يولغا قويۇلىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-11 12:57

زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، گوۋۇيۈەن يېقىندا «مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ھەققىدىكى پىكىر»نى چىقىرىپ، بۇ يىل 1-ئۆكتەبىردىن تارتىپ مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.

پىكىردە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قۇتقۇزۇش ئوبيېكتلىرى-شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان نۆل ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان كۆرۈش، ئاڭلاش، سۆزلەش، بەدەن، ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق تەرەپلىرى مېيىپ بالىلار ۋە تەنھالىق كېسىلى بولغان بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قۇتقۇزۇش مەزمۇنى-ئىقتىدار توسالغۇسىنى يېنىكلىتىش، ئىقتىدار ئەھۋالىنى ياخشىلاش، تۇرمۇشتا ھاجىتىدىن چىقىش ۋە جەمئىيەتكە قاتنىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى ئاساسلىق مەقسەت قىلغان ئوپېراتسىيە، ياردەمچى ئەسۋابلارنى سەپلەش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.