13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-سانلىق يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-11 13:00

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-سانلىق يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا يېپىلدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

لى جەنشۇ يىغىن مۇناسىۋەتلىك ئاۋازغا قويۇش ئىشلىرىنى ئورۇنلاپ بولغاندىن كېيىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئىشلىرى قائىدىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، خىزمەت ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى مەخسۇس ئاچتۇق. ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى بىلەن مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش توغرىسىدىكى ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە زور كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك. رايونلار، تارماقلار، ھەر قايسى تەرەپلەر قارار لايىھەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېشىل تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، گەۋدىلىك ئېكولوگىيە مەسىلىلىرىنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قانۇن بويىچە ياخشى قىلىشى كېرەك.