مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەخسۇس كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-11 13:00

مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا «ئەمەلىي ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش» مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەمەلىي ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش- زامانىۋىلاشقان ئىقتىسادى سىستېما بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، سەۋرچان بولۇپ، نىشاننى توغرىلاپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قارىتىپ، تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسلىق ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، بازارنىڭ بايلىقنى تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

سىياسىي كېڭەشنىڭ 26 ئەزاسى يىغىندا سۆز قىلدى. تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ئەھۋال تونۇشتۇردى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى پىكىر تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، ئەزالار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى.