خەن جېڭ دۆلەتلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-11 17:14

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 10-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن دۆلەتلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. خەن جېڭ راكقا قارشى دورىلارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈش، داۋالىنىش كاپالىتىنى تۆلەش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش، قىممىتى يۇقىرى داۋالاش ئەسۋابلىرىنى زىيادە ئىشلىتىشنى تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق ئىگىلىدى، داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمى ئىسلاھاتى، داۋالىنىش كاپالىتى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، داۋالاپ قۇتقۇزۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، باشقا يەردە داۋالىنىش ھەققىنى راسچوت قىلىش سىستېمىسىنى كۆرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى، كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەتلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى قۇرۇش-يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان زور ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، بىرلىككە كەلگەن شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمى بىلەن ئېغىر كېسەللىك سۇغۇرتا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالىنىش كاپالىتى ساھەسىنىڭ تەرەققىياتى تەڭپۇڭ، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ قىلىش؛ تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىپ، چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئاساسىي داۋالىنىش ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەڭ تەخىرسىز ئارزۇسى ۋە تەلىپىنى قاندۇرۇش؛ جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، راكقا قارشى دورىلارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈشكە تېزدىن تۈرتكە بولۇپ، داۋالىنىش، دورا ھەققى يۈكىنى يېنىكلىتىپ، خەلق ئاممىسىغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈش؛ دۆلەت باشقا يەردە داۋالىنىش ھەققىنى راسچوت قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقا يەردە داۋالىنىش ھەققىنى راسچوت قىلىش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، باشقا يەردە داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.