شىنخۇا ئاگېنتلىقى < بىر بەلباغ بىر يولنى بىرلىكتە قۇرۇپ، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچايلى> دېگەن تېمىدا ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-11 17:19

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 11-ئىيۇل < بىر بەلباغ بىر يولنى بىرلىكتە قۇرۇپ، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچايلى -رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 8-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزى> دېگەن تېمىدا ئوبزورچى ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى، 10-ئىيۇل جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 8-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، رەئىس شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، تۆت يىلدىن بۇيان ئىككى تەرەپنىڭ بىر بەلباغ بىر يولنى بىرلىكتە قۇرۇش جەريانىدىكى مول نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلىدى، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتىكى جۇڭگو -ئەرەب ئەللىرى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چۆرىدەپ تۆت تەكلىپ بېرىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى. شى جىنپىڭ سۆزىدە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، سەمىمىي ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، < بىر بەلباغ بىر يول> ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئۈچۈن گۈزەل پىلان تۈزۈپ بەردى.