لى كېچياڭ چەتئەللەردىكى زىيارىتىنى تۈگىتىپ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-11 17:20

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بۇلغارىيەدىكى رەسمىي زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغان. 7-قېتىملىق جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان، گېرمانىيەگە بېرىپ 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغان ھەمدە گېرمانىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، 11-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا قايتتى.

بۇ قېتىملىق زىيارەتكە بىللە بارغان زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ رەپىقىسى چېڭ خۇڭ، دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى شىياۋ جېي،، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفىڭ قاتارلىقلار شۇ ئايروپىلانغا بىللە قايتىپ كەلدى.

بېرلىندىن ئايرىلىدىغان چاغدا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى ۋە جۇڭگونىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىسى شى مىڭدې قاتارلىقلار ئايرودۇرۇمغا بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.