ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكىلى 17 بولغان خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش گۇماندارى شۈ چاۋفەن دۆلەتكە مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-12 15:17

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەركەز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى خەلقئارا قېچىپ كەتكەنلەرنى قوغلاش، زاڭ پۇللارنى قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ قانۇن ئىجراسى قاتارلىق تارماقلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئاستىدا، ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكىلى 17 بولغان خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش گۇماندارى شۈ چاۋفەن تۈنۈگۈن دۆلەتكە مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېلىندى.

شۈ چاۋفەن جۇڭگو بانكىسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى كەيپىڭ تارمىقىنىڭ سابىق باشلىقى، جۇڭگو بانكىسىنىڭ 485 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا خىيانەت قىلىش، باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىۋېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق، ئۇ 2001-يىلى ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكەن، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ قانۇن ئىجراسى تارماقلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن، شۈ چاۋفەن 2003-ئامېرىكا دائىرىلىرى تەرىپىدىن قامالغان ، 2009-يىلى ئامېرىكىدا مۇددەتلىك 25 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ھازىرغىچە، دېلو بېجىرىۋاتقان تارماقلار بىلەن جۇڭگو بانكىسى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن دېلوغا چېتىشلىق 2 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك زاڭ پۇلنى قايتۇرۇپ كەلدى.