جۇڭگوغا ئوقۇشقا كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلار يىلدىن-يىلغا كۆپەيمەكتە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-12 15:18

مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى 204 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن تەخمىنەن 489 مىڭ 200 ئوقۇغۇچى ئېلىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان، بۇ كۆلەمنىڭ كېڭىيىش سۈرئىتى ئۇدا ئىككى يىل %10تىن يۇقىرى بولغان. جۇڭگودىكى نۇرغۇنلىغان ئالىي مەكتەپلەر جۇڭگوغا ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا كۈچەپ، جۇڭگو بىلەن چەتئەللەرنىڭ دوستلۇق كۆۋرۈكىگە ئايلانماقتا.

2017-يىلى، خېخەي داشۆسىدىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچى 1300دىن ئاشتى. جۇڭگو نېفىت داشۆسى ھەر يىلى چەتئەللىك 1000 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ، بۇنىڭ %40تى بىر بەلباغ بىر يول بويىدىكى ئەللەردىن كەلگەن، جۇڭگو نېفىت داشۆسى خەلقئارا مائارىپ شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى لۇەن فىڭچى مۇنداق دېدى: بىز كۆلەمنى كېڭەيتىشتىن ئىچكى مەزمۇننى بېيىتىپ تەرەققىي قىلىشقا قاراپ بۇرۇلۇش ياسىدۇق، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلار مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتتۇق.

خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە، ئۆرپە-ئادىتى، دىنىي ئېتىقادى ئوخشىمايدۇ، خۇانەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى خەلقئارا مائارىپ شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى ئەن رەن كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتتىن بەھرىلىنىش مائارىپ ئىدىيەسى ئاساسىدا «تونۇش، ئېتىراپ قىلىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭگونىڭ مەدەنىيىتى، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى باشتا تۇنىتىش، ئاخىرىدا ئېتىراپ قىلدۇرۇش كېرەك. بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ جۇڭگو ھېكايىسى شەكىللىنىدۇ. پاكىستاندىن كەلگەن زاك ھەر يىلى ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۆزلۈكىدىن قان تەقدىم قىلىدۇ، ئۇ: جۇڭگو مېنى خېلى ئۆزگەرتتى، شۇڭا جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرماقچى، دېدى.