ئېلىمىز جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتى 2359 نى قوغدىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-12 17:56

ياڭچېڭ كۆلى قىسقۇچپاقىسى، ۋۇچاڭ گۈرۈچى، نىڭشيا ئالقىتى قاتارلىقلارنى جۇغراپىيەلىك بەلگە قىلغان بارغانسېرى كۆپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ داڭقى چىقىپ، قىممىتى ئۆرلەشكە باشلىدى. دۆلەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خې خۇا 11-ئىيۇل مۇنداق دېدى: جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرىنى خەلقئارادا ئۆز ئارا ئېتىراپ قىلىش، ئۆز ئارا قوغداشنى داۋاملىق پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىمىز. دۆلەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىز جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتىدىن جەمئىي 2359 نى قوغدىغان؛ دۆلەتلىك جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرىنى قوغداشتا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن جەمئىي 24 نى قۇرۇغان؛ بەلگىنى مەخسۇس ئىشلىتىدىغان كارخانىدىن جەمئىي 8091 نى تەستىقلىغان، ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنىڭ قىممىتى بىر تىرىليون يۈەندىن ئاشقان. جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى خۇاڭ لۇچى جۇغراپىيەلىك بەلگە ھەققىدىكى قانۇن-نىزاملارنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، بىر بېكەت مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلارنى دەل يۆلەشكە ياردەم بېرىپ، جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرىنى خەلقئارادا ئۆز ئارا ئېتىراپ قىلىش، ئۆز ئارا قوغداشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېلىمىز جۇغراپىيەلىك بەلگىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.