ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مىقدارى مۇقىم ئاشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-12 18:00

جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيىتى 11-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 1-ئايدىن 6-ئايغىچە ئېلىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مىقدارى 14 مىليون 57 مىڭ 700 ۋە 14 مىليون 66 مىڭ 500 گە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.15 ۋە %5.57 كۆپىيىپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتوموبىلنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مىقدارى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ئاشقان.

جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، ئېلىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش سېتىش مىقدارى ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 0.49 پوئېنت تۆۋەنلىگەن، سېتىش مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 0.83 پوئېنت ئۆرلىگەن. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېتىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم 413 مىڭ ۋە 412 مىڭ بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %94.9 ۋە %111.5 ئاشقان.