2017-يىلى 11 مىليون 730 مىڭ ئەر-ئايال ھەقسىز تەكشۈرۈلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-12 18:01

11-ئىيۇل «29-دۇنيا نوپۇس كۈنى». مۇخبىرنىڭ 11-ئىيۇل دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئېلىمىز تۇغۇت مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ساغلام تۇغۇش، ئوبدان بېقىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن ۋە يېتەكچىلىك قىلىدىكەن، 2017-يىلى مەملىكەت بويىچە ھامىلىدار بولماقچى بولغان 11 مىليون 730 مىڭ ئەر-ئايال ھەقسىز تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، نىشانلىق كىشىلەرنى قاپلاش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %91.7 كە يەتكەن.