2018-يىللىق جۇڭگو بانكا كەسپى تەرەققىيات دوكلاتى» ئېلان قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-12 18:02

جۇڭگو بانكا كەسپىي جەمئىيىتى 11-ئىيۇل « 2018-يىللىق جۇڭگو بانكا كەسپى تەرەققىيات دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. «دوكلات»تا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى جۇڭگو بانكا كەسپىنىڭ ئومۇمىي تىجارەت مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، تىجارىتى مۇقىم، تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولغان. بانكا كەسىپىنىڭ مۈلۈك قەرز كۆلىمى داۋاملىق ئاشقان، ساپ پايدىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك ئۆرلىگەن. 2017-يىلى سودا بانكىلىرىنىڭ جەمئىي ساپ پايدىسى بىر تىرىليون 747مىليارد 700مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 6 ئاشقان. بانكا كەسپىنىڭ مۈلۈك سۈپىتى مۇقىم بولغان. 2017- يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، سودا بانكىلىرىنىڭ ناچار قەرز قالدۇق سوممىسى بىر تىرىليون 710مىليارد يۈەن، ناچار قەرز پۇل نىسبىتى % 1.74 بولۇپ، ئۇدا بەش پەسىل % 1.74 لىك سەۋىيەدە مۇقىم تۇرغان.

«دوكلات»تا كۆرسىتىلىشىچە، پىشاڭسىزلاشتۇرۇش، قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ بازارنىڭ تۇراقسىزلىقىغا بولغان تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئارتۇق زاپاس نىسبىتى سەۋىيەسى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان، مەبلەغ دائىرىسىنىڭ تۈرلۈك ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى روشەن بولغان، سودا بانكىلىرىنىڭ بازار خېيىم-خەتىرى ۋە تۇراقسىزلىق خېيىم _ خەتەر بېسىمى ئاشقان، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن بىر قەدەر كونترول قىلغىلى بولىدىكەن. 2017-يىلى سودا بانكىلىرىنىڭ تۇراقسىزلىق نىسبىتى ئومۇمىي جەھەتتىن 2016-يىلىدىكىدىن بەلگىلىك ئۆرلىگەن.