خۇا چۈنيىڭ ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى تېرىنبۇل ئېلان قىلغان جۇڭگوغا قارىتىلغان سىياسەتلەر ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-08-08 17:28

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 8-ئاۋغۇست ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى تېرىنبۇل ئېلان قىلغان جۇڭگوغا قارىتىلغان سىياسەتلەر ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە: ئاۋسترالىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بىر يۆلىنىشتە ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆلىنىشتە ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېدى.

خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو زۇڭلى تېرىنبۇلنىڭ سۆزىدە جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى ۋە ئېچىۋېتىشى، جۇڭگو-ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتقانلىقىغا دىققەت قىلدى، بىز بۇنىڭغا يۇقىرى باھا بېرىمىز.

خۇا چۈنيىڭ يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇھىم دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق. ئاۋسترالىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن داۋاملىق بىر يۆلىنىشتە ئىلگىرىلەپ، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەش، باراۋەر بولۇش ئاساسىدا ئىككى دۆلەتنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆلىنىشتە ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.