تەيۋەن ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمىنلىقلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىجازىتى بىكار قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-08-08 17:30

گوۋۇيۈەن 3-ئاۋغۇست بىر تۈركۈم مەمۇرىي ئىجازەتلەرنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارنى چىقاردى، بۇ تەيۋەن ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمىنلىقلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىجازىتىنى بىكار قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ما شياۋگۇاڭ 8-ئاۋغۇست ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

ما شياۋگۇاڭ مۇنداق دېدى: بىز پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئۆگىنىشى، ئىگىلىك تىكلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى، تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى قېرىنداشلارغا بىلەن ئوخشاش تەمىنات بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن پائال تەتقىق قىلىپ، قېرىنداشلارنىڭ تەكلىپ پىكىرىنى ئالدۇق، گوۋۇيۈەننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، تەيۋەن ئاھالىلىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۈچۈن ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىجازىتى بېجىرىشىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى بىكار قىلىشنى بېكىتتۇق. بۇنىڭدىن كېيىن، تەيۋەن ئاھالىلىرى چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ خىزمەت قىلسا، چوڭ قۇرۇقلۇق ئاھالىلىرىگە ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ، مەخسۇس «تەيۋەنلىك، شياڭگاڭ، ئاۋمىنلىقلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىجازىتى»نى بېجىرىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.