ئالدىنقى يەتتە ئايدا ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودىسى %8.6 ئاشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-08-09 10:24

تاموژنا باش مەھكىمىسى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ئالدىنقى يەتتە ئايدا، ئېلىمىزدىكى ئەشيا سودىسىنىڭ ئومۇمىي ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتى 16 تىرىليون 720 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.6 ئېشىپ، مۇقىم ئىلگىرىلەشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ساقلىغان.

تاموژنىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئالدىنقى يەتتە ئايدا، ئېكسپورت 8 تىرىليون 890 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %5 ئاشقان، ئىمپورت 7 تىرىليون 830 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %12.9 ئاشقان. تاموژنا باش مەھكىمىسى ئۇنىۋېرسال ئىستاتىستىكا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئاخبارات باياناتچىسى خۇاڭ سۇڭپىڭ مۇنداق دېدى: ئىمپورت تېز سۈرئەتتە ئېشىپ تاشقى سودىنىڭ بىر قەدەر تېز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتى مۇقىم ئاشتى، ئالدىنقى يەتتە ئايدا بىر قەدەر تېز ئېشىشنى ساقلىدى، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 0.7 پوئىنت تېز بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىچكى ئېھتىياجمۇ ياخشى بولدى، ئېلىمىز ئىمپورتنى پائال كۆپەيتتى، سودا ئاكتىپ بالانسى تارايدى، ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ تەڭپۇڭلاشتى.

7-ئايدا، ئېلىمىزنىڭ ئومۇمىي ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتى 2 تىرىليون 600 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.5 ئاشتى، تاق ئايلىق سودا كۆلىمىدە بۇ يىلقى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىمپورتنىڭ ئېشىش نىسبىتى %20تىن كۆپ بولدى، سودا ئاكتىپ بالانسى %42.6 تارايدى، تاشقى سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش تېخىمۇ تەڭپۇڭلاشتى.

سودا مىنىستىرلىقى تەتقىقات يۇرتى خەلقئارا بازار تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بەڭ مىڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: خەلقئارا بازارنىڭ ئومۇمىي ئېھتىياج مۇھىتى ياخشىلانغانلىقتىن، بىزنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا سودا سۈركىلىشىنىڭ تەسىرىنى سەل ئاجىزلاتقانلىقىمىزدىن شۇنداقلا بازارنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ پائال تۈرتكىسىدىن 7-ئايدا سودا سوممىسى ئاشتى. ئەلۋەتتە، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ خەلقئارا بازاردىكى باھاسىنىڭ ئۆرلىشىمۇ بۇنىڭغا پايدا ئېلىپ كەلدى. 7-ئايدىكى ئېشىشىنىڭ يەنە قىسمەن ئالاھىدە تەرىپىمۇ بار، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا سودىسىغا نىسبەتەن، ئامېرىكا بىزدىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئالدى، بىزمۇ قايتۇرما جازا قوللاندۇق، بۇنىڭ ئالدىدا تالىشىپ ئىمپورت قىلىش، تالىشىپ ئېكسپورت قىلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن، بۇ تاشقى سودىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قوزغاتتى. بۇ يىل پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ مۇقىم ئىلگىرىلەشتەك ياخشى ۋەزىيىتى پۇختىلىنىدۇ، سۈپەت ۋە ئۈنۈم تەڭ ئاشىدۇ.