پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەرنى بېيدەيخېغا دەم ئېلىشقا تەكلىپ قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-08-09 17:06

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 62 مۇتەخەسسىس 3-ئاۋغۇستتىن 8-ئاۋغۇستقىچە بېيدەيخېغا يازلىق دەم ئېلىشقا باردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 2001-يىلىدىن تارتىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 18 تۈركۈمدە 1000 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس-ئالىمنى دەم ئېلىش پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلدى. بۇ قېتىم تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر ھەر قايسى كەسىپلەردە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئىختىساسلىقلار بولۇپ، ئۇلار ئادەملىك ئالەم قاتنىشى، چىڭخەي-شىزاڭ تۆمۈر يولى، پەرق ئېتىشچانلىقى يۇقىرى سۈنئىي ھەمراھ، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، بيو دورا، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى قاتارلىق يادرولۇق تېخنىكا ۋە خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى دەۋردە مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، يېڭى خەلقئارا ۋە ئىچكى ۋەزىيەتتە، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىپ، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرەش روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، شىنجاڭ ئېرتىش دەرياسى ۋادىسىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن پىروفېسسور دەرىجىلىك ئالىي ئىنژېنېر دېڭ مىڭجياڭ شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە 36 يىل ئىشلىگەن، ئۇ مۇنداق دېدى: بىز سۇ يوق، ئوت-چۆپ ئۆسمەيدىغان، قۇشلارمۇ ئۇچۇپ ئۆتمەيدىغان نېفىت شەھىرى قارامايغا ھاياتلىق سۈيى باشلىدۇق، قانچىلىك جاپا تارتساقمۇ بۇ ئەرزىيدۇ. شىنجاڭنىڭ سۇچىلىقىنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ ئىشلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى ۋەتىنىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا سىڭدۈرىمىز.

ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى نۇرلاندۇرۇشتا مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئېغىر مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىش كېرەك، دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مۇتەخەسسىسلەر «قانداق قىلغاندا ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى ئۆز ئالدىغا كونترول قىلغىلى بولىدۇ؟» دېگەندەك مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلاندى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تېخىمۇ كۆپ ئىجادىي نەزەرىيەرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجادىي بايقاشلارغا ئېرىشىپ، ئېلىمىزنىڭ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى مۇستەقىل كونترول قىلىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى، تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.